بىكار قىلغان شۇنداقلا ۋىيشىن پۇل تۆلىگەن زاكاس پۇلىنىڭ نەگە قايتقانلىقى چىقىدۇ؛
پۇلنىڭ قايسى بانكا كارتىسى، بانكا كارتا نومۇرىنىڭ ئاخىرقى 4 خانىسى قاتارلىق ئۇچۇر چىقىدۇ؛
ئەگەر خېرىدار بانكا كارتىسىدىن پۇل تۆلىگەن بولسا، پۇل بانكا كارتىسىغا قايتمىدى دېسە، يانفون بانكىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ باقسۇن. چۈنكى ۋىيشىن تەرەپ خېرىدار پۇلىنى بانكا كارتىسىغا قايتۇرغاندا خېرىدارغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتمەيدۇ، شۇڭا خېرىدار پۇل قايتمىدى دەپ تۇرۋالىدۇ؛
خېرىدارنىڭ پۇلى قايتمىسا، بانكا نامى بانكا كارتىسىنىڭ ئاخىرقى 4 خانىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار چىقمايدۇ. خېرىدار پۇل قايتمىدى دېسە، چىققان ئۇچۇلارنى خېرىدارغا رەسىمگە تارتىپ يوللاپ بېرىڭلار، شۇنداقلا خېرىدارغا يانفون بانكىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ بېقىڭ دەڭلار؛
مەخپى نومۇر پەقەت ئىنگىلىزچە ھەرپ ۋە رەقەمدىن تەشكىل تاپسۇن، ئالاھىدە بەلگىلەر مەخپى نومۇردا كۆرۈلمىسۇن
1. تېلفونستلار چوقۇم ھەركۈنى ۋاقىتىدا ئىشقا كېلىشى ۋە ۋاقىتىدا ئىشتىن چۈشۈشى كېرەك. كېچىكىپ كېلىشكە، ئىشتىن بالدۇر چۈشۈشكە بولمايدۇ. 2. تېلفونستلار ئۆزىگە تەۋە خىزمەت ۋاقىتىدا چوقۇم ئىشخانىدا بولۇشى كېرەك. خىزمەت ۋاقىتىدا رۇخسەتسىز يوقاپ كېتىشكە، خىزمەت ۋاقىتىدا ھەرخىل سەۋەبنى باھانە قىلىپ ئىشتىن قېچىشقا بولمايدۇ. 3. تېلفونستلار دىجورنىلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. دىجورنى ئەتىگەن سائەت بېيجىڭ ۋاقىتى 9:30 ئۆتۈشتىن بۇرۇن ئىشخانىغا كېلىپ، ئالدى بىلەن كومپىيوتېرنى قوزغىتىپ تېلىفون قوبۇل قىلىش ھالىتىگە ئەكىلىش كېرەك. ئاندىن مۇقىم تېلىفونلارنىڭ نورمال ئىشلىگەنلىكىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈش كېرەك. ئاخىرىدا، ئىشخانا ئىچىنى پاكىز تازىلاپ خىزمەتنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئەگەر توك يوق، تور يوق، تېلىفون ئۇلانمىغان، كومپىيوتېر ئىشلىمىگەن قاتارلىق ئەھۋال كۆرۈلسە، دەرھال تېلفونستلار باشلىقىغا مەلۇم قىلىش كېرەك. 4. دىجورنى تېلفونست چوقۇم ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئەتە دىجورنىلىك قىلىدىغان تېلفونستقا ۋىيشىن ئارقىلىق يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك، كەچتە ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم ۋىيشىن ياكى تېلفون ئۇرۇش ئارقىلىق دىجورنىلىك ۋەزىپىسىنى ئۇقتۇرۇش قىلىش لازىم، شۇنداقلا ئەتە دىجورنىلىك قىلىدىغان تېلفونستنىڭ ئۇقتۇرۇشنى كۆرگەن ياكى بىلگەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 5. دىجورنى تېلفونست چوقۇم تېلىفون ئەڭ كۆپ كېلىدىغان ئورۇندا ئولتۇرۇشى ۋە تېلىفون ئەڭ كۆپ كېلىدىغان ھېسابات نومۇرىنى ئىشلىتىشى كېرەك. 6. تېلفونستلار باشلىقنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاكتىپ ماسلىشىش لازىم، باشلىق بىلەن قارشىلىشىشقا، گەپ تالىشىشقا، ئۇرۇشۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتنى چوقۇم ئەستايىدىل، سەمىميي بولۇپ ئىجرا قىلىش كېرەك، ياسالمىلىق قىلىشقا، ساختىپەزىلىك قىلىشقا بولمايدۇ. 7. تېلفونستلار خېرىداردىن كەلگەن تېلىفوننى قوبۇل قىلغاندا چوقۇم «ياخشىمۇسىز، ئېچىل داستىخان تاماق يەتكۈزۈش مەركىزى» دەپ سالام بېرىپ قوبۇل قىلىش كېرەك. خېرىدارغا مۇئامىلە قىلغاندا چىرايلىق، سىپايە، ساپالىق، يېقىملىق بولۇش كېرەك. خېرىدارغا قوپال مۇئامىلە قىلىشقا، خېرىدار بىلەن گەپ تالىشىشقا، خېرىدارنى ھاقارەتلەشكە، خېرىدارنىڭ زىتىغا تېگىشكە قەتئىي بولمايدۇ. مۇلازىمەت كەسىپىدە خېرىدارنىڭ تېلفونستقا قوپال مۇئامىلە قىلىشى نورمال ئىش، شۇڭا خېرىدار ماڭا قوپال مۇئامىلە قىلغاچقا مەنمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلدىم دەپ خېرىدارنى رەنجىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. 8. خېرىدار خاپۇلاپ تېلفونستلارغا قوپال مۇئامىلە قىلغاندا، خېرىدار ھەرقانداق سەۋەب تۈپەيلى رەنجىگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تېلفونست چوقۇم «كەچۈرۈڭ، بىز دىققەت قىلايلى، بۇندىن كېيىن ئۇنداق بولمايدۇ، خادىملارغا تەربىيە قىلىمىز، خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چوقۇم قاتتىق سۈرۈشتە قىلىمىز» دېگەن خېرىدارغا تەسەللىي بېرىدىغان ۋە كەچۈرۈم سورايدىغان سۆزنى توختىماي تەكرارلاپ، خېرىدار كەيپىياتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. شۇنداقلا خېرىدارنى رەنجىتكەن خادىمنىڭ ئىسىمى، تېلىفون نومۇرى، خېرىدارنىڭ تېلىفون نومۇرى، تاماق بۇيرۇغان ئادرىسى، قايسى تاماقخانىدىن تاماق بۇيرۇغانلىقىنى ئەرىز دەپتىرىگە تەپسىلىي خاتىرلىشى كېرەك. 9. تېلفونستلار خېرىداردىن كەلگەن تېلىفوننى ئەستايىدىل ئاڭلىشى، ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي خاتىرىلىشى كېرەك. چالا ئاڭلاپ، خېرىدارغا قايتا تېلىفون قىلىپ سوراپ خېرىدارنى زېرىكتۈرۈشكە قەتئىي بولمايدۇ. شۇنداقلا، خېرىدارغا ئىنكاس قايتۇرغاندا، چوقۇم تېز، چاققان، يېقىملىق بولۇش كېرەك. ئەستايىدىل ئاڭلىماي، تېز ئىنكاس قايتۇرماي، ئەزمىلىك قىلىپ، سوزاپ-تارتىپ گەپ قىلىشقا بولمايدۇ. 11. تېلفونستلار تاماق بۇيرۇغاندا چوقۇم ئەستايىدىل بولۇپ، تاماقنى توغرا، تېز، خېرىدار تەلەپ قىلغاندەك تىزىملاش كېرەك. تاماقنى كەم ياكى ئارتۇق بۇيرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. 12. تېلفونستلار چوقۇم خېرىدارنىڭ قايسى تاماقخانىنىڭ تامىقىنى يېگۈسى بارلىقىنى سوراش كېرەك، خېرىدارنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي ئۆزى خالىغان تاماقخانىنىڭ تامىقىنى خېرىدارغا بۇيرۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. تاماقنى بۇيرۇپ بولغاندىن كېيىن، تاماقنىڭ جەمئىي پۇلى، كىرا قاتارلىق ئۇچۇرنى خېرىدارغا يەتكۈزۈش كېرەك. ئاخىرىدا، خېرىدارغا مۇنداق دېيىش كېرەك: «خادىم تاماقنى ئېلىپ ماڭغاندا، سىزگە قىسقا ئۇچۇر كېلىدۇ، تاماق پۇلىنى قىسقا ئۇچۇردىكى تور ئادرىسى ئارقىلىق تۆلىۋەتسىڭىز بولىدۇ». يۇقارقى سۆزنى دەپ بولۇپ، «تامىقىڭىزنى بۇيرۇپ قويدۇم، سالامەت بولۇڭ، خوش ئەمىسە» دەپ تېلىفوننى قويۇش كېرەك. 13. تېلفونستلار ئۆز-ئارا ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈش كېرەك، ئۆز-ئارا ياردەم قىلىپ، ئۆز-ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز-ئارا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆز-ئارا نازارەت قىلىپ، خىزمەتنى ئەڭ يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش لازىم. بىر-بىرىگە بەس سېلىشقا، گەپ تالىشىشقا، ئۇرۇشۇشقا، ئىناقلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. 14. ئېچىل داستىخان خىزمەتچىسى بولغان ھەرقانداق كىشى چوقۇم ئېچىل داستىخان ئائىلىسىنى چىن دىلىدىن ھۆرمەتلىشى، ئېچىل داستىخاندىكى ھەرقانداق ئادەم بىلەن ياخشى ئۆتۈشۈش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش، ئۆز-ئارا ئۆگىنىش كېرەك. ئوخشاش كەسپتىكى باشقا ماركىنىڭ پاراڭلىرىنى قىلىشقا، پىتنە-پاسات تارقىتىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئۆزىگە مۇئاش بېرىۋاتقان ئېچىل داستىخان ماركىسىنى ياخشى كۆرۈش ۋە ياخشى ئاسراش كېرەك، ئۆزىنى خاتىرجەم، ئىللىق، راھەت خىزمەت پۇرسىتى بەرگەن ئېچىل داستىخان ئائىلىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھەر ۋاقىت ئەستە مەھكەم ساقلاش لازىم. 15. تېلفونستلار ھەرگىز تاماق يەتكۈزگۈچىلەرگە قوپال مۇئامىلە قىلماسلىق، ئۇلارنى تىللىماسلىق، ھاقارەت قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر تاماق يەتكۈزگۈچى خېرىدارغا تاماقنى ۋاقىتىدا ئاپارمىغان بولسا، كەسكىن ۋە قاتتىق ئاۋازدا كۈچلۈك ئەسكەرتىش، ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە بولىدۇ. لېكىن تاماق يەتكۈزگۈچىلەرنى ھاقارەت قىلماسلىق، زىتىغا تەگمەسلىك لازىم. 16. تېلفونستلار بىكار ۋاقىتتا تاماقخانىلارنىڭ ئۇچۇرى، تاماقلارنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئۆگىنىش قىلىش كېرەك. 17. تېلفونستلار چوقۇم تېلفونست باشلىقىنىڭ، تاماق يەتكۈزگۈچىلەر باشلىقىنىڭ تېلىفون نومۇرىنى يادلىۋىلىشى لازىم. 18. تېلفونستلار چوقۇم ھەركۈنى ئۆز خىزمىتىگە مۇناسىۋەلىك بىلىملەرنى تەكرار ئۆگىنىپ تۇرۇش كېرەك. شۇنداقلا، ھەر ئىككى ھەپتىدە ئېلىنىدىغان ئۆگىنىش خاراكتېرلىك ئىمتىھاندىن 80 نومۇردىن يۇقىرى ئېلىپ لاياقەتلىك بولۇش كېرەك. 19. تېلفونستلار ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۆزى ئىشلەتكەن كومپىيوتېرنى تەرتىپ بويىچە تاقاش كېرەك. ئەڭ ئاخىرىدا ئىشتىن چۈشكەن تېلفونست چوقۇم بارلىق توك مەنبەسىنى، بارلىق كومپىيتېرنى، بارلىق دەرىزىلەرنى تولۇق تاقاش كېرەك، ئىشىكنى تاقاپ قالماي چوقۇم ئاچقۇچ سېلىپ تولۇق قۇلۇپلاپ ئاندىن ئىشخانىدىن ئايرىلىش كېرەك. 20. تېلفونستلار چۈش بازار ۋە كەچ بازار ۋاقىتىدا تېلىفون ئويناشقا، كىنو كۆرۈشكە ۋە خىزمەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ھەرقانداق ئىش قىلىشقا بولمايدۇ.
1. تېلفونستلارنىڭ مۇكاپات 2 تۈرگە بۆلىنىدۇ. بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات «مۇنەۋۋەر خادىم» مۇكاپاتى بىر نەپەر بولۇپ سوممىسى 200 يۈەن، ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات «ئىلغار خادىم» مۇكاپاتى بىر نەپەر بولۇپ سوممىسى 100 يۈەن بولىدۇ. 2. بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ. بىر ئاي ئىچىدە ئەڭ كۆپ تاماق تىزىملىغان، شۇنداقلا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان، رۇخسەت سورىمىغان، ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن بولۇش كېرەك. 3. ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ. بىر ئاي ئىچىدە رۇخسەت سورىماي ئىشلىگەن، ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن، ئېچىل داستىخان شىركىتىنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ يۇقىرى ئۈنۈم ياراتقان بولۇش كېرەك. 4. مۇكاپاتنى ھەر ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن، مۇئاش تارقىتىپ بولۇپ ئاندىن تارقىتىش كېرەك.
1. بىر مىنۇت كېچىكسە ياكى بىر مىنۇت بالدۇر ئىشتىن چۈشسە، ھەر بىر مىنۇت ئۈچۈن بىر يۈەن تۇتۇلىدۇ. 2. ھەرقانداق سەۋەب تۈپەيلى رۇخسەت سورىسا، 100 يۈەن تۇتۇلىدۇ. يېرىم كۈن رۇخسەت سورىسا 50 يۈەن تۇتۇلىدۇ. 3. خىزمەت ۋاقىتىدا رۇخسەتسىز يېرىم سائەتتىن ئارتۇق يوقاپ كەتسە 200 يۈەن تۇتۇلىدۇ. 4. دىجورنى خادىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ئەتە دىجورنىلىك قىلىدىغان خادىمغا ئۇقتۇرۇش قىلمسا ياكى ئەتە دىجورنىلىك قىلىدىغان خادىم ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇۋالمىغان بولسا، 200 يۈەن تۇتۇلىدۇ. 5. دىجورنى خادىم كېچىككەن ھەر مىنۇت ئۈچۈن 2 يۈەن تۇتۇلىدۇ. 6. ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنمىسا، قايتا-قايتا تەربىيە قىلسىمۇ پىسەنت قىلمىسا 200 يۈەن تۇتۇلىدۇ. 7. خېرىدارغا قوپال مۇئامىلە قىلغان، خېرىدار بىلەن گەپ تاكاللاشقان، خېرىدارنى تىللىغان، خېرىدارنى ھاقارەتلىگەن ئىشلار يۈز بەرسە، 300 يۈەن تۇتۇلىدۇ. 8. تاماقنى كەم ياكى ئارتۇق بۇيرۇغان بولسا، شۇ زاكاسنى تۆلەيدۇ ۋە 20 يۈەن تۇتۇلىدۇ. 9. تاماقنى خېرىدار تەلەپ قىلغان تاماقخانىدىن بۇيرۇمىغان بولسا، شۇ زاكاسنى تۆلەيدۇ ۋە 20 يۈەن تۇتۇلىدۇ. 10. خىزمەتداشلار بىلەن تىللاشقان، ئۇرۇشقان بولسا، ئىناقلىققا تەسىر يەتكۈزگەن ھېسابلىنىپ 100 يۈەن تۇتۇلىدۇ. 11. ئېچىل داستىخان ئوبرازىغا زىيانلىق گەپ-سۆز ۋە ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغىللانغان بولسا، 500 يۈەن تۇتۇلۇپ ئىشتىن ھەيدىلىدۇ. 12. تاماق يەتكۈزگۈچىلەرگە قوپال مۇئامىلە قىلغان، تىللىغان، ھاقارەتلىگەن، زىتىغا تەگكەن بولسا، 50 يۈەن تۇتۇلىدۇ. 13. ئۆگىنىش خارەكتېرلىك ئىمتىھاندىن 80 نومۇردىن تۆۋەن ئالغان بولسا، كەملىگەن ھەر بىر نومۇر 10 يۈەن تۇتۇلىدۇ. 14. ئەڭ ئاخىرىدا ئىشتىن چۈشكەن خادىم بارلىق توك مەنبەسى، بارلىق كومپىيوتېر، بارلىق دەرىزىلەرنى تولۇق تاقاش كېرەك. ئىشكنى ئاچقۇچ سېلىپ تولۇق قۇلۇپلاش كېرەك، خىلاپلىق قىلسا، بىخەستەلىكى سەۋەبلىك يۈتكەن بارلىق مۈلۈكنى تۆلەيدۇ ۋە 100 يۈەن تۇتۇلىدۇ.
ھەربىر زاكاسنى ئاپتوماتىك تەقسىملەش ئۈچۈن، ھەربىر زاكاستىكى خېرىدار ئادرىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنىنى توغرا تاللاپ زاكاس چۈشۈرۈش لازىم. بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق تېلفونستلارنىڭ خېرىدار ئادرىسىنى تاللىماي چۈشۈرگەن زاكاسلارنى ئېنىقلاپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ. ئورۇن تاللىماي چۈشۈرگەن ھەربىر زاكاس ئۈچۈن بىر يۈەن ئەتراپىدا جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئىزدەشبۈگۈنكى زاكاس چىقمايدۇ، سەۋەبى: بۈگۈنكى بازار ئاخىرلاشمىدى، سىستېما بازار ئاخىرلاشقاندا ھېساب بوغىدۇ